دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئىت يىلىدا قىزىق تېما بولدى

خىتايلار دونالد ترامپنىڭ ئىتقا ئوخشىتىلغان ھەيكىلىنى تىكلىدى.

876583
دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئىت يىلىدا قىزىق تېما بولدى

 
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي كالېندارىغا ئاساسەن 2018 – يىلى ئىت يىلى بولىدۇ. 
ئىت يىلىغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىۋاتقان خىتايلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 1946 – يىلى، يەنى ئىت يىلى تۇغۇلغانلىقىنى تاپاۋەتنىڭ پۇرسىتى دەپ قارىماقتا. 
خىتايلار 2018 – يىلى 16 – فېۋرالدا باشلىنىدىغان ئىت يىلى بايرىمى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپلا ترامپنى قوللانغان ھالدا سەپەرۋرەلىك باشلىۋەتتى. 
خىتاينىڭ شىمالىدىكى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرىدىكى بىر سودا سارىيىدا، روژدېستۋا دەرىخىنىڭ ئوتتۇرىغا ترامپنىڭ ئىت شەكىللىك چوڭ ھەيكىلى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 
خىتايلار ترامپنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان چاچ شەكلى، تالاش – تارتىشلاردا ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن بارمىقى ۋە قىزىل گالىستۇكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. 
بۇ سودا سوراي ئۆتكەن يىلى خوراز يىلى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەنمۇ بىنانىڭ سىرتىغا ترامپنىڭ خورازغا ئوخشتىلغان ھەيكىلىنى تىكلىگەن  ئىدى. 
خىتايلاردا كالېىندارغا بىنائەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىنى ھايۋانغا ئوخشتىپ ھەيكەل تىكلەيدىغان ئىش  ئىلگىرى قەتئىي كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر