ياپونىيەدە ئادەم بەدىنىدە «گۆش يەيدىغان باكتېرىيە» يۇقۇملۇق كېسىلى تارقىلىشقا باشلىدى

گۆش يەيدىغان باكتېرىيەنىڭ مۇسكۇل تالا توقۇلمىسىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەندە تارقىلىشنى ۋە ئورگان يېتىشمەسلىكىنى يەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

876026
ياپونىيەدە ئادەم بەدىنىدە «گۆش يەيدىغان باكتېرىيە» يۇقۇملۇق كېسىلى تارقىلىشقا باشلىدى

تۈركىيەئاۋازىرادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا يوقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ  گۆش يەيدىغان باكتېرىيە سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يۇقۇملىنىش قەيىتلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ياپونىيە مىقياسىدا 500 دىن ئارتۇق كىشى گۆش يەيدىغان باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان. 

خەلقئارا يوقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا، ياپونىيە مىقياسىدا 525 كىشىنىڭ بۇ كېسەللىككە مۇبتىلا بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەلق ئارىسىدا «گۆش يەيدىغان باكتېرىيە» دەپ بىلىنىدىغان بۇ يوقۇملۇق كېسەلگە  پايتەخت توكيودا 66 كىشى گىرىپتار بولغان بولۇپ، A دەرىجىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ زەنجىرسىمان باكتېرىيەنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن پەيدا بولىدىغانلىقى ۋە بولۇپمۇ كىچىك بالىلاردا زەنجىرسىمان باكتېرىيەنىڭ گال ئاغرىقى بىلەن باشلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەلقئارا يوقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ  بىلدۈرvشىچە، بۇ يۇقۇملىنىش ئىلگىرىلىگەن تەقدىردە، ئۆلۈملەرگىمۇ سەۋەب بولىدىكەن. قول ۋە پۇتلىرى ئاغرىش، ئىششىق ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قىززىتما قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.

بۇ باكتېرىيە مۇسكۇل تالا توقۇلمىسىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەندە تارقىلىشنى ۋە ئورگان يېتىشمەسلىكىنى يەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولىدىكەن. بۇ يۇقۇملۇق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئۆلۈم ۋەقەلىرى 30 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەردە كۆپرەك كۆرۈنىدىكەن. 

توكيو ئاياللار سالامەتلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى كېن كىكوچى، «گۆش يەردىغان باكتېرىيە» يۇقۇملىقىنىڭ ئۆلۈم خەۋپى %30  ئىكەنلىكىنى، ئا دەرىجىلىك زەنجىرسىمان باكتېرىيەدىن باشقا يەنە، B دەرىجىلىك تېخىمۇ خەتەرلىك باكتېرىيەلەرگىمۇ يۇقىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ بارغاnچە ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2013 – يىلىدا 203 كىشىدە بۇ خىل يۇقۇملىنىش بايقالغانلىقى ۋە نۆۋەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ ھەر يىلى ئېشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

خەلقئارا يوقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ باياناتىدا، بولۇپمۇ 30 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر