ئىران رايون دۆلەتلىرىنى تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى

ئىران پارلامېنتى باشلىقى ئەلى لارىجانى، رايون ئەللىرىنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە تېخىمۇ يېقىن ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى) ھەمكارلىقى ئورنىتىشقا چاقىردى.

875390
ئىران رايون دۆلەتلىرىنى تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى لارىجانى، تۈنۈگۈن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا چاقىرىلغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە، پاكىستان، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئافغانىستانلىق مەنسەپداشلىرىنى ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئارا يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا تېخىمۇ كۈچلۈك ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىردى. ئۇ يەنە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئۆزئارا ماس ئېلىپ بېرىش ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش مەخسۇس كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

غەرب دۆلەتلىرىنى سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى تېررورچى گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەشتە ئىنتايىن پاسسىپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن لارىجانى، رايوندىكى دائېشنى ئاجىزلىتىش مۇساپىسىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق رايون كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر