ئافغانىستاندا سەرھاد رادىيو قانىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان گور ۋىلايىتىدە سەرھاد رادىيو قانىلى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

874681
ئافغانىستاندا سەرھاد رادىيو قانىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان گور ۋىلايىتىدە بىر يەرلىك رادىيو قانىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

گو ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئابدۇلھەي خاتىبى«سەرھاد»ناملىق يەرلىك رادىيو قانىلىغا سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خاتىبى ھۇجۇم سەۋەبلىك رادىيو قانىلىدىكى بارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ كارغا كەلمەس بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

رادىيو مۇدىرى مارۇپ سەئىدىمۇ بىنادا دەسلەپ بومبا پارتىلغانلىقىنى ، ئارقىدىن قانالغا ئوت كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.  

سەئىدى بۇرۇنمۇ تېررورچىلارنىڭ تەھدىت سالغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر