ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى قۇددۇستا يەنە قان تۆكتى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قۇددۇسنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا مۇداخىلە قىلىشى جەريانىدا 2 پەلەسىتنلىك شېھىت بولدى.

874268
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى قۇددۇستا يەنە قان تۆكتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۈنۈگۈن غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا مۇداخىلە قىلدى، بۇ جەرياندا 2 پەلەسىتنلىك شېھىت بولدى، 3 ى ئېغىر 141 ى يارىلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، يارىلانغانلار ئارىسىدا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ فوتو سۈرەت مۇخبىرى مۇستافا ھاسسۇنەمۇ بار ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى راماللاھ ۋە ئەلبىرە شەھەرلىرىنىڭ كىرىشىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر جەريانىدا بىر پەلەسىتنلىكنى قولغا ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر