كاتالونىيە يەرلىك سايلىمىدا مۇستەقىلچى پارتىيەلەر غەلىبە قىلدى

ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا مۇستەقىللىق تەرەپدارى پارتىيەلەر ھۆكۈمەت قۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. مۇستەقىللىققە قارشى ۋەتەنداشلار پارتىيەسى ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى، ئەمما ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش سانىغا ئېرىشەلمىدى.

873883
كاتالونىيە يەرلىك سايلىمىدا مۇستەقىلچى پارتىيەلەر غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتالونىيە ئاپتونوم رايونى خەلقى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن مەركىزىي ھۆكۈمەت تارقىتىۋەتكەن 135 كىشىلىك يەرلىك پارلامېنتنىڭ يېڭى ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

مۇستەقىللىق تەرەپدارى پارتىيەلەردىن كاتالونىيە دېموكرات پارتىيەسى بىلەن كاتالونىيە دېموكراتىك ئۇيۇشۇش پارتىيەسى تەشكىللىگەن «كاتالونىيە ئۈچۈن بىرلەشمە» %21.68 ئاۋاز بىلەن 34 ئورۇنغا، كاتالونىيە جۇمھۇرىيەتچى سول پارتىيەسى %21.41 ئاۋاز بىلەن 32 ئورۇنغا، خەلق ئىتتىپاقى نامزات پارتىيەسى %4.45 ئاۋاز بىلەن تۆت ئورۇنغا ئىگە بولدى. مۇستەقىللىق تەرەپدارى پارتىيەلەر ئاۋاز نىسبىتىدە %50 نىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئەمما سايلام تۈزۈمى سەۋەبىدىن 70 ئورۇنغا ئېرىشىپ، ھۆكۈمەتنى قۇرۇش ئۈچۈن كېرەك بولغان 68 ئورۇندىن ئاشتى. 2015-يىلىدىكى سايلاملاردا 72 ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن مۇستەقىللىق تەرەپدارى پارتىيەلەر ئاجىزلىغان بولسىمۇ، ھاكىمىيەتنى قولدا تۇتۇپ تۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

ئۆزلىرىنى «ئاساسىي قانۇنچىلار» دەپ ئاتىغان بىرلىشىش تەرەپدارى ۋەتەنداشلار پارتىيەسى %25.36 ئاۋازغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتىكى 36 ئورۇنغا ئىگە بولدى. كاتالونىيە سوتسىيالىست پارتىيەسى %13.87 ئاۋازغا ئېرىشىپ، 17 ئورۇننى قولغا كەلتۈردى، كاتالونىيە خەلق پارتىيەسى %4.23 ئاۋازغا ئېرىشىپ، تۆت ئورۇنغا ئىگە بولدى.

ۋەتەنداشلار پارتىيەسى ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ، بىرىنچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدى. مەزكۇر پارتىيە 2015-يىلى پارلامېنتتا 25 ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىدى.

قىسقىسى، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كاتالونىيە رايونى پىرېزىدېنتى كارلېس پۇئىگدېمونتنىڭ قايتىدىن پىرېزىدېنت بولۇشى ئۈچۈن يول ئېچىلغان بولدى. بىراق، ئۈستىدە تۇتۇش بۇيرۇقى بار پۇئىگدېمونتنىڭ كاتالونىيەگە قايتىش-قايتماسلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. سايلام، مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى بىلەن باشلىنىپ، بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن داۋام قىلغان كىرىزىسنىڭ چارىسى بولالمىدى.

بۇ ئەھۋالدا، ھەم رايون ھەمدە ئىسپانىيە مىقياسىدا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھاۋانىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا ئانالىزلار قىلىنماقتا. كاتالونىيەدە 3 مىڭدىن ئارتۇق شىركەت 1-ئۆكتەبىردىكى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدىن كېيىن، ئىشخانىلىرىنى باشقا جايلارغا يۆتكىدى، 2 مىڭ 587 كىشى ئىشتىن چىقىرىلدى.

ساياھەتچىلىكى %20 تۆۋەنلەپ كەتكەن رايوندا، 2018-يىلى مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنىڭ كاتالونىيە ئىقتىسادىغا 6 مىليارد ياۋرو زىيان سېلىش مۇمكىنلىكى ۋە ھازىرقى مۇقىمسىزلىق داۋاملاشقان ئەھۋالدا ئىسپانىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش تەخمىنىي رەقەملىرىنى چۈشۈرۈۋېتىش مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر