خىتاي ئافرىقىدا ئېشەك باھاسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى

خىتاينىڭ ئېشەك گۆشى ۋە تېرىسىگە بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئېشەك ئىمپورت قىلىشىنى باشلىشىغا ئەگىشىپ، نىگېرىيەدە ئېشەك باھاسى ئۆرلەپ كەتتى.

872959
خىتاي ئافرىقىدا ئېشەك باھاسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېشەك باققۇچى ئىبراھىم مايجاكى ۋە ھايۋانات دوختۇرى دوكتور ئەھمەم ئابدۇلھەمىد فاگگە، خىتاينىڭ يېمەك – ئىچمەكتىن تىبابەتكە، تېرە ياىخشىلاش مېيىدىن تېرىلغۇغا قەدەر ھەممىلا ساھەدە ئېشەككە ۋە ئېشەك گۆشىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر تۈرلۈك مەھسۇلاتلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇشى سەۋەبىدىن نىگېرىيەدە ئېشەك باھاسىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرى خىتايغا ئېشەك ئېكىسپورت قىلىشنى توختاتقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ نىگېرىيەگە يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىبراھىم مايجاكى، تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا نىگىرىيەدە ئېشەك باھاسىنىڭ  3 ھەتتا 4 ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم مايجاكى خىتاينىڭ ئېشەككە بولغان تەلىپى يۇقىرى بولغانلىقتىن ئىچكى بازاردا ئېشەك باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆرلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېشەك ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن خۇسۇسىي شىركەتلەر ئارقىلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئېشەك گۆشى ۋە تېرىسىنى ئىمپورت قىلىشقا باشلىدى. ئېشەككە بولغان تەلەپ بىراقلا ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئېشەك ئېكىسپورت قىلىشنى توختىتىشقا مەجبۇر» دېدى.

ئۇ يىراق ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئافرىقىدىن ئېشەك ئىمپورت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىشەك ۋە ئىشەك گۆشىگە بولغان تەلەپ خىتايدىن ئەڭ كۆپ كېلىدۇ. ئېشەكلەر دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا يەنە، سەھىيە، يېمەك – ئىچمەك ۋە تېرە ياخشىلاش ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. خىتايدىن كەلگەن تەلەپنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن نىگېرىيەدە ئېشەك باھاسى 3 – 4 ھەسسە ئېشىپ كەتتى. ئىلگىرى تەخمىنەن 40 دوللارغا سېتىلىۋاتقان ئېشەكلەر مانا ھازىر 150 دوللاردىن 200 دوللارغىچە سېتىلماقتا» دېدى.

نىگېرىيەلىك چارۋا دوختۇرى ئەھمەد ئابدۇلھەمىد فاگگە يەنە: «نىگىرىيەدىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمدا كۆپ مىقداردا قانۇنسىز ئېشەك تېرىسى مۇسادىرە قىلىندى. بۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نىگېرىيەدە ئېشەك قالمايدۇ» دېدى.

نىگىرىيەدىكى ئېشەكلەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايغا يۆتكىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن دوكتور فاگگە: «نىگېرىيەدىكى ئېشەكلەرنىڭ %70 ياكى %80ى دېگۈدەك ئېكسپورت قىلىنىپ بولدى. نىگىرىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان يەرلىرىدىكى ئېشەكلەر جەنۇبتىكى پورت شەھەرلىرىگە توپلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئېشەكلەرنىڭ بەزىلىرى تىرىك ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئۆلتۈرۈلۈپ، گۆش ۋە تېرە شەكلىدە خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

دوكتور ئەھمەد ئابدۇلھەمىد فاگگە خىتاينىڭ نىگېرىيەدىن ئىمپورت قىلغان ئىشەكلەرنى دېھقانچىلىق ساھەسىدىلا  ئەمەس، بەلكى  دورا ۋە تېرە ئاسىراش مايلىرى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە، بولۇپمۇ يېمەكلىكتە كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر