ب د ت باش كاتىپى: توقۇنۇشلار ئوتتۇرىچە 20 يىلدىن ئۇزۇن داۋام قىلماقتا

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، زامانىمىزدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئوتتۇرىچە 20 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

873135
ب د ت باش كاتىپى: توقۇنۇشلار ئوتتۇرىچە 20 يىلدىن ئۇزۇن داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزى ئەسناسىدا، خەلقئارا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەم سان ھەم سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «يادرو قوراللىرى خەۋپى يەنىلا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا، سۈركىلىش سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتتى» دېدى.

سۆزى جەريانىدا شىمالىي كورېيەنى بىر قانچە قېتىم يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان گۇتېررېس، ھازىرقى كۈندە توقۇنۇشلارنىڭ ئوتتۇرىچە 20 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ھەر خىل قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى، تەبىئىي بايلىق زاپاسلىرى ۋە زېمىنلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىنىڭ بەزى جايلىرىدا توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىگە، دۇنيا مىقياسىدا ئىشلارنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە پەقەت سۈرىيەدىلا يۈزلەرچە قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

«توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرگە سىرتتىن قىلىنىۋاتقان ھەربىي ۋە مالىيە جەھەتتىكى ياردەملەر ئىچكى ئۇرۇشلارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتماقتا، يەرلىك جەڭچىلەر تېخىمۇ چوڭ رەقىبلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە ئايلىنىپ، سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئۇلغايتماقتا» دېگەن باش كاتىپ گۇتېررېس، توقۇنۇشلارنىڭ نۆۋەتتە ئۆزئارا ۋە دۇنيا مىقياسىدا تېررورىزم خەۋپى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس، تەڭسىزلىك ۋە چەتكە قېقىلىشنىڭ «ئۈمىدسىزلىك ۋە گۇرۇپپىلىشىش»نىڭ ئوزۇقىغا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، مۇساپىرلارنى ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ئوۋلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تور ھۇجۇمى خەۋپى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە سۇ قىسىنچىلىقىنىڭمۇ ئەندىشە پەيدا قىلغۇچى مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن گۇتېررېس، توقۇنۇشلارنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەن تەبىئىتىگە قارىتا پوزىتسىيەلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس، زىيادە ئېغىرلىشىپ كەتكەن يوقسۇللۇققا خاتىمە بېرىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش، مۇھىت ئاسراش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە چارە تېپىش ۋە ئاياللار باراۋەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش دېگەندەك ب د ت نىشانلىرىنىڭ توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ «ئەڭ ياخشى ۋاسىتىسى» ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر