كاتالونىيەدە يەرلىك سايلام سەپەرۋەرلىكى ئاخىرلاشتى

ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتە پەيشەنبە (21-دېكابىر) كۈنى ۋە مۇستەقىلچىلەر بىلەن بىرلىشىشنى تەشەببۇس قىىلدىغانلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇن، پارتىيەلەر ئاخىرقى قېتى سايلام سەپەرۋەرلىكى قىلدى.

871950
كاتالونىيەدە يەرلىك سايلام سەپەرۋەرلىكى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتالونىيەدە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 155-ماددىسىغا ئاساسەن كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن ۋە 21-دېكابىر مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان باش مىنىستىر مارىيانو راجوي سەيشەنبە (19-دېكابىر) كۈنى بارسېلونادا سايلام سەپەرۋەرلىكى پائالىيىتىدە سۆز قىلدى.

ئۇ: «نورماللىشىشقا، ئاساسىي قانۇنغا ۋە مەنتىققە قايتىش-قايتماسلىقىمىزنى بۇ سايلاملار بەلگىلەيدۇ» دېدى.

راجوي رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خەلق پارتىيەسى ئىلگىرىكى سايلامدا پارلامېنتتىكى 135 ئورۇندىن 11 گە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم بولسا، 5-4 ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

مۇستەقىللىققە قارشى ۋەتەنداشلار پارتىيەسىنىڭ 34 ياشلىق رەھبىرى ئىنېس ئاررىماداس بارسېلونادا 2 مىڭدىن ئارتۇق قوللىغۇچىسىغا خىتاب قىلدى. ئۇ سايلامدا غەلىبە قىلغان تەقدىردە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پەيشەنبە كۈنى مۇستەقىللىق بېسىمىدىن پەيدا بولغان قالايمىقانچىلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرىمىز» دېدى.

ئاررىماداس سايلاملارنىڭ پارچىلانغان بىر كاتالونىيەنىڭ داۋامى ياكى كاتالونلار ئۈچۈن يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،

راي سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋەتەنداشلار پارتىيەسى ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىدىغان بولسىمۇ، ئەمما سايلام تۈزۈمى سەۋەبىدىن پارلامېنتتا 32-31 ئورۇننى قولغا كەلتۈرەلەيدىكەن.

كاتالونىيە ياۋروپا دېموكرات پارتىيەسى رەھبىرى كارلېس پۇئىگدېمونت بىريۇسسېلدا تۇرۇپ، تېلېكونفېرانس شەكلى ئارقىلىق بارسېلونادىكى يىغىلىشقا قاتناشقانلارغا ختاب قىلدى. ئۇ سايلامدا غەلىبە قىلسا، كاتالونىيەگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسپانىيەدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان پۇئىگدېمونت يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنىڭ تارىخقا يېزىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ قېتىم سايلامدا غەلىبە قىلىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى دۆلەتنىڭ ياكى راجوينىڭ غەلىبە قىلىشىدۇر» دېدى.

1-ئۆكتەبىر كاتالونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدىن كېيىن، 27-ئۆكتەبىر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان كاتالونىيە يەرلىك پارلامېنتى، شۇ كۈنى ئىسپانىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئاساسىي قانۇننىڭ 155-ماددىسىنى ئىجرا قىلغان ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن ئىدى. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى 21-دېكابىر مۇددەتتىن بۇرۇن يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈش قارارى چىقارغان ئىدى.

كاتالونىيە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۇتۇلغان، بەزىلىرى بولسا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ پىرېزىدېنتى پۇئىگدېمونت ۋە تۆت سابىق مىنىستىر بېلگىيەگە قېچىپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر