جەنۇبىي كورېيە مانېۋىرلارنى كېچكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى 2018-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاخىرلاشقىچە، ئورتاق ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرلارنى كېچىكتۈرۈشنى چاقىرىق قىلدى.

872108
جەنۇبىي كورېيە مانېۋىرلارنى كېچكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاخىرلاشقىچە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرنى كېچىكتۈرۈشنى چاقىرىق قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى ئامېرىكانىڭ ن ب س (NBC) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2018-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن بۇرۇن، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مانېۋىرلارنى ئازايتىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئامېرىكاغا مۇشۇنداق تەكلىپ قىلدىم، ۋاشىنگتون ھازىر بۇنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بىراق ھەممە ئىش شىمالىي كورېيەنىڭ قانداق مۇئامىلە قىدىلىغانلىقىغا باغلىق» دېدى.

ئۆتكەن ھەپتە «فاينانشېل تايمېس گېزىتى» شىمالىي كورېيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان سېئۇلنىڭ، ۋاشىنگتوندىن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاخىرلاشقىچە ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەنۇبىي كورېيەنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، 2018-يىلى فېۋرالدا ۋە مارت ئېيىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئىككى مانېۋىرنى كېچىكتۈرىدىكەن. بىراق، ۋاشىنگتوندىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.

ئامېرىكا دەسلەپتە شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو سىناقلىرى كۆلەڭگىسىدە تەنھەرىكەتچىلەرنى پىيوڭچاڭغا ئەۋەتىش ياكى ئەۋەتمەسلىكنىڭ تېخى قارار قىلىنمىغان سوئال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي 9-فېۋرالدىن 25-فېۋرالغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا، ئامېرىكا ماھىرلىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئورتاق ھەربىي مانېۋىرلىرىغا ئادەتتە يېڭى قورال سىناقلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ كېلىۋاتقان شىمالىي كورېيە، «15-خاۋسېڭ» ناملىق قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر