ب د ت يەمەن پورتلىرىنى سودىغا ئىچىۋېتىشكە چاقىردى

ب د ت يەمەندىكى دېڭىز پورتلىرىنى سودا خاراكتېرلىك ئىمپورت ئىشلىرىغا ئېچىۋېتىشنى چاقىرىق قىلدى.

872065
ب د ت يەمەن پورتلىرىنى سودىغا ئىچىۋېتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ يەمەندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى جېمى مىكگولدرىك تۈنۈگۈن (20-دېكابىر) سانائادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى پورتلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا پورتلارنىڭ سودا خاراكتېرلىك ئىمپورت ئىشلىرىغا ئېچىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ب د ت خادىملىرىنىڭ سانائادىن چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە يەمەندىكى ب د ت خادىملىرىغا يەنە 20 خادىمنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، يەمەندىكى يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسىنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېمەك-ئىچمەك» كىرىزىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر