«ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىنچلىقنى خالىسا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنى خالىسا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىشى ۋە قۇددۇسنى كەمسىتىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

869675
«ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىنچلىقنى خالىسا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن «‹ Daily Sabah › گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش ۋە ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋ باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىنىڭ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ۋە خەلقئارالىق دىپلوماتىيەگە بېرىلگەن ئېغىر زەربە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى،  بۇ قارارى تۈپەيلى ئامېرىكىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ غەزەپ – نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئۇدا بىرقانچە ئايدىن بۇيان تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن جايلاندۇرۇش پىلانى تۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەمما تېخىچە بىرەر نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىدى. ئەگەر قۇددۇس قارارى بۇ يېڭى پىلاننىڭ بىر پارچىسى بولسا، ئۇنداقتا، ئامېرىكىنىڭ پىلانى ئۆلۈك تۇغۇلدى دېگەنلىكتۇر.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەلەسىتنلىكلەرنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ زېمىنىنى ھازىرلاش مەقسىتىدە زىممىسىگە يۈكلگەنگەن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىغانلىقىنى قەيت قىلغان قالىن، 2017 – يىلنىڭ باشلىرىدا ھاماسنىڭ يېڭى بىر سىياسىي ھۆججەت ئېلان قىلىپ، 1967 – يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىنى بېكىتىپ چىققانلىقىنى ھەمدە يەھۇدىيلىق بىلەن سىيونىزىمنىڭ چەك – چېگراسىنى ئايرىپ چىققانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۆكتەبىر ئېيىدا پەلەسىتنلىك سىياسىي پارتىيەلەر ھاماس ۋە فەتىھنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، مۇزاكىرىلەرگە «يېگانە سادا» سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنىڭغا قارىتا سەمىمىي ۋە جىددىي پوزىتسىيە تۇتمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، باسقۇچنىڭ كىرىزىسكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، بۇلتۇر يازدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئاغۋاگەرچىلىك قىلىپ مەسجىدى ئەقسانىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ، ھەم ئىشغالىيەت ئاستىدىكى رايونلاردا ھەم پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا توقۇنۇشقا سەۋەب بولغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر