پۇتىن: (بۇ) ترامپنىڭ ياخشى خىزمەت قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

869287
پۇتىن: (بۇ) ترامپنىڭ ياخشى خىزمەت قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ نۇقتىلىق ھالدا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى مەسىلىسى قاتارلىق كىرىزىس رايونلىرىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ترامپنىڭ، پۇتىننىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى «ئامېرىكا پاي چېكى بازارلىرىدىكى ئۆرلەش، پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ پىرېزىدېنتقا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پۇتىن تۈنۈگۈن پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېقىندا بىر يىلىنى توشقۇزىدىغان ترامپنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بولۇپمۇ ئامېرىكا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا كۆرۈلگەن ئېشىشنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە بۇنى كۆرۈشكە بولىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچى ترامپنىڭ ياخشى خىزمەت قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر