خىتاي ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن قارارىنى قوللىدى

خىتاي ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قۇددۇس ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى توغرا چۈشىنىش بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

868457
خىتاي ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن قارارىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ قۇددۇس ھەققىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئېلان قىلغان چاقىرىقى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قۇددۇس ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى توغرا چۈشىنىش بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇددۇس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ پىردەك پىكىرگە ئىگە ئىكەنلكىنى تەكىتلىگەن لۇ كاڭ، 1967 – يىلى بەلگىلەن چېگرا سىزىقىغا بىنائەن پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، بىر مۇستەقىل  پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ ئەڭ قىشقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، پەلەستىن مەسلىسىنىڭ ھەممىلا جەھەتتىن ئادىل ۋە تولۇق ھەل قىلىنىشىنىغا قارىتا خىتاينىڭ رىغبەتلەندۈرۈشتە بۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر