ئىسرائىلىيە غەززەنى توپقا تۇتتى

غەززەدىن ئېتىلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىسرائىلىيەنىڭ تۆمۈر گۈمبەز ھاۋادىن مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ توسۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

866399
ئىسرائىلىيە غەززەنى توپقا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىي چېگراسىغا جايلاشقان بەيتى لەھيا رايونىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى توپقا تۇتتى.

غەززە ئامانلىقنى ساقلاش تارماقلىرى، غەززە چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسرائىلىيە توپچى قىسىملىرىنىڭ بەيتى لەھيا رايونىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمدا ئۆلۈم-ېيتىم ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئالغان يازما باياناتتا بولسا، غەززەنىڭ شىمالىدىكى ھاماسقا تەۋە نىشانلارنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن «Yedioth Ahronoth» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ تۆمۈر گۈمبەز ھاۋادىن مۇداپىئە سىستېمىسى غەززەدىن ئېتىلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇپ قالغان.

غەززە چېگراسىغا يېقىن يەھۇدىي ئولتۇراق جايلاردا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇپ قىلىش ئەسناسىدا بىخەتەرلىك سىگناللىرىمۇ چىلىنغان.

بىراق، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تېخىچە گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلمىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر