ئابباس بىلەن سىسى ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى توغرىسىدا سۆزلەشتى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولۇش ئۈچۈن بارغان مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسى بىلەن كۆرۈشتى.

866597
ئابباس بىلەن سىسى ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ ئىتتىھادىييە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا قارشى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆزئارا يارىشىشىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك تاللاش» بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

يارىشىشنىڭ، ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا ئوخشاش پەلەستىن مەسىلىسى دۇچ كەلگەن تەھدىتلەرگە قارشى كۈرەشتە پەلەستىنلىكلەرنى بىر بايراق ئاستىغا توپلىيالايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، مەزكۇر قارارنىڭ قۇددۇسنىڭ ئورنى ۋە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىگە قارىتا بىلدۈرۈلىدىغان پوزىتسىيە، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش ھەر خىل مۇنبەرلەر ئارقىلىق تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئۇچرىشىشتا، سىسىنىڭ، قۇددۇسنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىنىڭ ساقلاپ قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى دۆلىتىنىڭ ئۆزگەرمەس پوزىتسىيەسىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى، ئابباسنىڭ بولسا، «ئامېرىكىنىڭ قارارىنىڭ كۈتۈلمىگەن بىر قارار بولغانلىقىنى ۋە پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ چارە تېپىشقا بولغان ئىستەكلىرىگە قارىماي، بۇ قەدەمنىڭ تاشلانغانلىقى» نى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئابباسنىڭ سىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تۈنۈگۈن باشلانغان مىسىر زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پەلەستىنگە قايتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر