شىمالىي كورېيەنىڭ بىئولوگىيەلىك قورال پىلانى

كىم جوڭ ئۇننىڭ گېن ئۆزگىرىشىنى تېزلاشتۇرىدىغان مىكروبلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن لابوراتورىيە ۋە زاۋۇتلارنى قۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

866048
شىمالىي كورېيەنىڭ بىئولوگىيەلىك قورال پىلانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇننىڭ بىئولوگىيەلىك قورال ياساش ئۈچۈن لابوراتورىيە ۋە زاۋۇت قۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىن توپلىغان ئىستىخباراتلىرىغا ئاساسلانغاندا شىمالىي كورېيە رەھبىرى مىكروبلارنى توننا - توننىلاپ تارقىتىش ئۈچۈن يېڭى ئەسلىھەلەرنى ياشاسقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار شىمالىي كورېيەدىن قېچىپ، جەنۇبىي كورېيەدىن پاناھلىق تېلىگەن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ 1960 - يىلىدىن تارتىپلا بىئولوگىيەلىك قوراللار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم جوڭ ئۇن بىئولوگىيەلىك قوراللارغا قارشى دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە مۇتەخەسسىلەرنى يوللىغان.

كىم جوڭ ئۇن گېن ئۆزگىرىشىنى تېزلاشتۇرىدىغان مىكروبلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈنمۇ لابوراتورىيە ۋە زاۋۇتلارنى قۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەن.

ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بۇ ھەقتە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مۇشۇ خىل ئىستىخباراتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدۇق. بىراق بۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىئلوگىيەلىك قورال تەرەققىياتى قانداقلارچە ھازىرقى باسقۇچقا كەلدى؟ بۇنى تەكشۈرىۋاتىمىز»دېدى.

ئالدىنقى يىلى تەييارلانغان بىر دوكلاتتا شىمالىي كورېيەدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 3 بىئولوگىيەلىك قارال ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بارلىقى ۋە بۇ جەھەتتە «تەتقىقات خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ» دەپ قارىلىۋاتقان 7 تەتقىقات مەركىزىنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر