قاتار ئەنگلىيەدىن ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋالىدۇ

قاتار ئەنگلىيەدىن 24 دانە «Eurofighter Typhoon » تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

865404
قاتار ئەنگلىيەدىن ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەنگلىيەدىن ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گاۋىن ۋىليامسون قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئاتىييە بىلەن دوھادا كۆرۈشۈپ، ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشتىن باشقا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت فلوتى» قۇرۇش تەكلىپ قىلىنغان كېلىشىم ئىمزالىغان.

باياناتتا، فلوتنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇچقۇچى تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ھەر قاچان ئۇرۇشقا تەييار بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بارلىق ھاۋا ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، 2022-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھاۋا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ قىممىتى ۋە ئايروپىلانلارنىڭ تاپشۇرۇلۇش ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى، بىراق ئەنگلىيەدىكى بەزى مەنبەلەردە كېلىشىمنىڭ 8 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

قاتار پەيشەنبە (7-دېكابىر) فىرانسىيە بىلەنمۇ قىممىتى 6.6 مىليارد ياۋروغا يېتىدىغان 12 دانە «Rafale» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە «Airbus» سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر