ئافغانىستاندا دائېش تېررورچىلىرى ۋەقە پەيدا قىلدى
ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان نۇرسىتان شەھىرىنىڭ ۋاما ناھىيەسىدە دائېشنىڭ ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
865149
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان نۇرسىتان شەھىرىنىڭ ۋاما ناھىيەسىدىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى، توقۇنۇشتا 3 نەپەر ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 12 نەپەر تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
نۇرىستان ساقچى ئىدارىسى باشلىقى غۇلام فارۇق نۇرىستانى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇم قوزغىشىدىن كېيىن توقۇنۇش چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.
توقۇنۇشتا 2 ساقچىنىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان نۇرسىتانى، 18 تېررورچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرسىتانى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تۇنجى قېتىم نۇرىستاندا تېررورلۇق قىلمىشى سادىر قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.