ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە غەززە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا مۇداخىلە قىلىش جەريانىدا 2 پەلەسىتنلىكنى ئۆلتۈردى.

864844
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەسىتن سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرانىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ئاممىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان ماھىت ئاتائۇللاھ شېھىت بولغان.

قۇدرا ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان خان يۇنۇس شەھىرى چېگراسىدا نامايىش ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇداخىلە قىلىشى جەريانىدا 30 ياشلىق پەلەسىتنلىك مەھمۇد ئەلمىسرىنىڭ ئوق تېگىپ شېھىت بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە غەززە رايونىنىڭ شىمالىي چېگراسىدا 8، شەرقىي چېگراسىدا 17، رەفاھ شەھىرىنىڭ شەرقىدە 1، خان يۇنۇس شەھىرىنىڭ شەرقىدە 8 بولۇپ، جەمئىي 34 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى بولسا، ۋەقەلەردە 767 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 743 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر