ئىسرائىلىيە، شەرقىي قۇددۇسقا زاپاس ساقچى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىسرائىلىيە، ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس كوچىلىرىدىكى ساقچىلار سانىنى كۆپەيتتى.

864042
ئىسرائىلىيە، شەرقىي قۇددۇسقا زاپاس ساقچى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ساقچى ئىدارىسى، ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس ۋە ئەتراپىغا زاپاس ساقچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىشقا تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ساقچى باياناتچىسى مىكىي روسېنفېلد، مەسجىدى ئەقساغا كىرىش سانىغا چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «قۇددۇس بىلەن كونا شەھەر رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا زاپاس ساقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ساقچىلار زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا، نامايىشچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە تەييار» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى مۇداخىلىلىرى جەريانىدا 108 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا نارازىلىقلىرى داۋام قىلماقتا، بۇ دائىرىدە غەربىي قىرغاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى، راست ئوق ۋە پىلاستىك ئوقلارنى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلىپ 108 ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىنىڭ ئاساسىي كىرىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان شام دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان پەلەستىنلىكلەرمۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېلان قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

شام دەرۋازىسىنى توسۇپ، كىشىلەرنى كىملىك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن ئونلارچە پەلەستىن ياش ئارىسىدا پات – پات سۈركىلىش چىقتى. ۋەقە ئەسناسىدا پەلەستىنلىك 2 بالىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، ئاتلىق قىسىملارنىڭ ياردىمى سايىسىدا شام دەرۋازىسى ئالدىدىكى نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر