ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى ئاق ساراينىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قۇددۇس مەسىلىسىدە ئىغۋاگەرلىك تۈسىنى ئالغان قارارى ئاق ساراينىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

863087
ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى ئاق ساراينىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاق سارايدىكى بەزى ئەمەلدارلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى» دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىنى، «بۇ قارار، ھېچبولمىغاندا قىسقا مەزگىلدە ئىسرائىلىيە – پەلەسىتن ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىغا ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزىدۇ» دەپ قارىغان.

ئاق ساراينىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ «‹ CNN› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى توغرۇلۇق توختالغان ئاق ساراي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى: «تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىگە قارىتا ئاللىقاچان تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەپ بولدۇق. ئىشىنىمەنكى، بۇ ئۆتكۈنچى باسقۇچ بولىدۇ» دېگەن.

ئۇ «ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى» غا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەترەتنىڭ ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن پەلەسىتن دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى، بۇ قارارنىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەسىتن ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىشىنىڭ، كېيىن ئېلان قىلىنىشىغا قارىغاندا كېلىشىمگە تېخىمۇ ئاز زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

يەنە بىر ئەمەلدار بولسا: «بۇ قارار قىسقا مەزگىلدە باش ئاغرىتىدۇ، ئەمما ئۇزاق مەزگىلدە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ» دېگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ بۇ باياناتلىرى، ئاق ساراينىڭ ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. تۈنۈگۈن «قۇددۇس ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى» دەپ بايانات ئېلان  قىلغان ترامپ بولسا، بۇنىڭ كېچىككەن ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ترامپ تۈنۈگۈن قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر