ب د ت مەسئۇلى شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولماقتا

ب د ت سىياسىي ئىشلار مۇئاۋىن باش كاتىپى شۇنداقلا سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇلى جېفرېي فېلتماننىڭ زىيارىتىنىڭ 4 – 5 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

863499
ب د ت مەسئۇلى شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىياسىي ئىشلار مۇئاۋىن باش كاتىپى جېفرېي فېلتمان شىمالىي كورېيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى  «KCNA» نىڭ خەۋىرىدە، مۇئاۋىن باش كاتىپ جېفرېي فېلتماننىڭ شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي كورېيەدىكى ھەرىكەتلىرى ۋە ياردەملىرىدىن باشقا يەنە، «ئورتاق ئازابلىنىش ئامىللىرى» ھېسابلىنىدىغان باشقا مەسىلىلەرنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيەگە سەيشەنبە كۈنى (5-دېكابىر) يېتىپ بارغان ب د ت سىياسىي ئىشلار مۇئاۋىن باش كاتىپى شۇنداقلا سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇلى جېفرېي فېلتماننىڭ زىيارىتىنىڭ 4 – 5 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

جېفرېي فېلتماننىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەنمۇ ئۇچرىشىشى تەخمىن قىلىنماقتا. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇلى ھېسابلىنىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 6 ئورگىنىنىڭ تەخمىنەن 50 كە يىقىن خادىمى شىمالىي كورېيەدە ۋەەزىپە ئۆتىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر