گېرمانىيەدە ئىككى پويىزبىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كەتتى

گېرمانىيەنىڭ شىمالىي رېنۋېستپاليا ئۆلكىسىگە جايلاشقان دۇسسېلدورپ شەھىردە ئىككى پويىز سوقۇلۇپ كەتتى.

862132
گېرمانىيەدە ئىككى پويىزبىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ شىمالىي رېنۋېستپاليا ئۆلكىسىگە جايلاشقان دۇسسېلدورپ شەھىرىگە يېقىن جايدا بىر يۈك پويىزى بىلەن بىر يولۇچىلار پويىزىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 47 ئادەم يارىلاندى.

يولۇچىلار پويىزىدا 155 ئادەمنىڭ بارلىقى ۋە يارىدار سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گوللاندىيە چېگراسىغا تەخمىنەن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا يۈز بەرگەن بۇ قاتناش ۋەقەسىدە پويىزلارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشمەسلىكىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر پاجىئەنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر