ئەسەد قىسىملىرى يەنە 20 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئاستانە مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە «يىرىكچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» بولۇپ بەلگىلەنگەن شەرقىي غۇتە رايونى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئېغىر بومباردىمانچىلىقى ئاستىدا قالدى.

860586
ئەسەد قىسىملىرى يەنە 20 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتە رايونىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 20 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھۇجۇمدا يەنە ئونلىغان كىشى يارىدار بولدى.

پۇقرالارنى مۇدەپىئە قىلىش ئەترەتلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پۈتۈن كۈن بويىچە رايونغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. نەتىجىدە ھاممۇرىيەدە 13، ئاربىندە 4، بەيت سەۋدا رايونىدا 2، ۋە مىسرايا يېزىسىدا 1 كىشى بولۇپ، جەمئىي 20 بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھاۋادىن قىلىنغان ھۇجۇملاردا ئونلىغان كىشى يارىدار بولغان ۋە ھۇجۇم قىلىنغان جايلار ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتاففان دە مىستورا 28 – نويابىردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەسەد قىسىملىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

5 يىلدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي غۇتە، ئاستانە مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە «يىرىكچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» بولۇپ بەلگىلەنگەن ۋە 22 - ئىيۇلدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىمىشى ئىجرا قىلىنىشقا رەسمىي باشلانغانلىقى جاكارلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر