لاۋروۋ: سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيەدە سۈركىلىشنى ئازايتىش مەقسىتىدە شەكىللەندۈرۈلگەن رايونلارنىڭ دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش  مەسىلىسىدە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

859892
لاۋروۋ: سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋروۋ ئىتالىيەنىڭ ئەڭ قەدىمىي تەتقىقات ئورگىنى بولغان خەلقئارا سىياسىي پائالىيەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن رىمدا چاقىرىلغان 3 – نۆۋەتلىك «2017 – يىللىق ئاقدېڭىز دىيالوگلىرى مۇنبىرى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تەرىپىدىن ئاستانا باسقۇچىدا قارار چىقىرىلىپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان سۈرىيەدىكى ھالقىلىق نۇقتىلاردا سۈركىلىشنى ئازايتىش نىشان قىلىنغان رايونلار ۋە ئاستانا باسقۇچىنىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سۈركىلىشنى ئازايتىش مەقسىتىدە شەكىللەندۈرۈلگەن رايونلارنىڭ دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ەسىلىسىدە ئېھتىياتچان بولۇشىمىز لازىم.»

ئاستانا باسقۇچىغا ئەنقەرە بىلەن تېھراننىڭ ھەسسە قوشۇشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن لاۋروۋ، سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونلىرىنىڭ باشقا جايلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاستانا باسقۇچى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. رۇسىيە سۈرىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا يېڭى بىر ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا. دەرۋەقە، سۈرىيەنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش توغرا ئەمەس. سۈرىيەدە بارلىق سۈرىيەلىكلەر كەڭ كۆلەملىك دىيالوگ ئورنىتالايدىغان مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. جۈملىدىن ئىراق بىلەن لىۋىيەنىڭمۇ كەڭ كۆلەملىك دىيالوگقا ئېھتىياجى بار.»

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش توغرىلىقمۇ توختالغان لاۋروۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر دەپ قارايمىز. بۇ ھەقتە بىز ياردەمچى بولۇشقا تەييارمىز. بەلكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق يېڭى تىرىشچانلىق مىخانىزىمىنى تۇرغۇزۇشىمىز مۇمكىن.»

ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى توغرۇلۇق 2015 – يىلى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى توغرىلىقمۇ توختالغان لاۋروۋ، سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى: «يادرو كېلىشىمى خەلقئارا قانۇننىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەگەر ئامېرىكا بۇ كېلىشىمدىن ۋاز كەچمەكچى بولسا، بىز بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىلمەيمىز. چۈنكى بۇنداق قىلغان تەقدىردە ئامېرىكا ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، ئەگەر ئامېرىكا بۇ كېلىشىمدىن ۋاز كەچسە، يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان شىمالىي كورېىيەگە قانداق ئۈلگە بولالايدۇ؟»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر