ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

858879
ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئەردوغان 22 – نويابىر كۈنى تۈركىيە – رۇسىيە – ئىراننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا سوچىدا چاقىرىلغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى توغرىلىقمۇ مېركېلگە مەلۇمات بەرگەن.

مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، مېركېل سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر ەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى تېزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىككى رەھبەر پ ك ك قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيەدە ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىككى تەرەپلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر