ئەسەد كۈچلىرى شەرقىي غۇتەنى يەنە بىر قېتىم بومباردىمان قىلدى
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتە رايونىغا قىلىنغان چاچما بومبا ھۇجۇمىدا 10 ئادەم قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات بېرىپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي غۇتەگە سوۋېتىنىڭ ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەن چاچما بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
چاچما بومبا ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ پائالىيەتچىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش، سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە فوتو – سۈرەتلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جەزملەشتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، نىشان ئايرىپ ئولتۇرماستىن ئىشلىتىلگەن بۇ قوراللارنىڭ پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى ئېغىر خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكى تەكىتلەندى.
بەش يىلدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان سۈرىيەنىڭ شەرقىي غۇتە رايونى، ئاستانىدىكى سۈرىيە سۆھبەتلىرى دائىرىسىدە جىددىيچىلىكنى ئازايتىش رايونى، دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە 22 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.