سىسى مۇقىملىق ئۈچۈن «شەپقەتسىزلەرچە كۈچ» ئىشلىتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى

​​​​​​​مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولغان بارلىق ئامىللارغا قارشى قەتئىيلىك بىلەن كېرەكلىك جاۋاپلارنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ھەر دائىم تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

857796
سىسى مۇقىملىق ئۈچۈن «شەپقەتسىزلەرچە كۈچ» ئىشلىتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى سىنا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئارىش شەھىرىدە 309 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۇچۇن «شەپقەتسىزلەرچە كۈچ» ئىشلىتىش ھەققىدە مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈردى.

سىسى مىسىر پىرېزىدېنتلىقىغا قاراشلىق ۋەقىپلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئارىش شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈستىدە توختالدى.

مىسىرنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولغان بارلىق ئامىللارغا قارشى قەتئىيلىك بىلەن كېرەكلىك جاۋاپلارنى قايتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ھەر دائىم تەييار ئىكەنلىكىنى، ئارمىيە ۋە ساقچىلارغا  سىنادا بىخەتەرلىكنى قۇغداش ئۈچۈن «شەپقەتسىزلەرچە كۈچ» ئىشلىتىش ھەققىدە مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

سىسى مۇراسىمدا يەنە، راۋدا جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ھۆمەتتە تۇردى.

مىسىرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سىنا ۋىلايىتىدە تەخمىنەن 4 يىلدىن بۇيان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم جۈمە كۈنى ئارىش شەھىرىدە راۋدا جامەسىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 309 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر