سەئۇدى ئەرەبىستاندا مەلىكىلەرمۇ نازازەتكە ئېلىنىشقا باشلاندى

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى چىرىكلىكلەرنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، شاھزادىلەر نازارەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە مەلىكىلەرنىڭمۇ نازارەتكە ئېلىنىشقا باشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

856990
سەئۇدى ئەرەبىستاندا مەلىكىلەرمۇ نازازەتكە ئېلىنىشقا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان مەلىكىلىرىنىڭ شاھزادىلەر تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان مېھماخانىغا ئەمەس، بەلكى باشقا بىر مېھمانخانىغا توپلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سابىق پادىشاھ ئابدۇللاھ بىن ئابدۇل ئەزىزنىڭ فىرانسىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئوغلى ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھتىن باشقا بارلىق شاھزادىلىرى نازارەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە قىزلىرىمۇ نازارەتكە ئېلىشىنىشقا باشلاندى. 

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قۇرغۇچى پادىشاھى ئابدۇلئەزىز بىن سۇئۇدنىڭ ۋاپات بولغان ئوغلى سۇلتان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ قىزلىرىنىڭمۇ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلئەزىز ۋە سۇلتان بىن ئابدۇل ئەزىزنىڭ نازارەتكە ئېلىنغان پەرزەنتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ھاكمىيىتىگە ئىنتايىن قارشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

نازارەتكە ئېلىنغان مەلىكىلەرنىڭ كېسەل بولغان ئەھۋالدىمۇ سىرتقا چىقماسلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مېھمانخانىنىڭ يەر ئاستى قېتىنى دوختۇرخانىغا ئايلاندۇرغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مەلىكىلەر  نازارەتتە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مېھمانخانىنىڭ دەرۋازە ۋە دەرىزىلىرىنڭمۇ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەمدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر