چادتا ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

چادتا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ ۋىزا ئېمبارگوسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

856544
چادتا ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چادتا بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ چادقا قارىتا يولغا قويغان ۋىزا ئېمبارگوسىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار چاد پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئامېرىكىنىڭ ۋىزا ئېمبارگوسىدىن سىرت ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چاد پىرېزىدېنتى ئىدرىس دەبىنى چىرىكلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىشىگىمۇ  نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ چادتىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

 بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچى ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ ئامېرىكىنى بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغانىدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى چاد پىرېزىدېنتى دەبىنى خىتاي شىركەتلىرىدىن 2 مىليون دوللار پارا ئېلىپ چادتا بۇ شىركەتلىرىگە نېفىت ئىزدەش رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى، چاد ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر