چەت ئەلدىكى فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى ئىش تاشلىدى

چەت ئەلدىكى فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ راسخوت قىسقارتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىش تاشلىدى.

856414
چەت ئەلدىكى فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ راسخوتىنى قىسقارتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن دۇنيا مىقىياسىدىكى 500دىن ئارتۇق فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورنى ئىش تاشلاشنى قارار قىلدى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق ئورۇنلارغا بېرىلىدىغان راسخوتتىن 33 مىليون قىسقارتىشنى قارار قىلدى، بۇنىڭغا قارىتا فىرانسىيە ئوتتۇرا سەۋىيەلىك تەلىم-تەربىيە ئۇيۇشمىسىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن 137 دۆلەتتىكى فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى دەرس توختىتىدۇ.

500دىن ئارتۇق فىرانسۇزچە تەلىم-تەربىيە ئورنىدا 350مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى تەلىم ئېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن چاقىرىقتا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى نەتىجىسىدە بۇ مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشسىسىز قالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۇيۇشمىنىڭ چاقىرىقىدا يەنە فىرانسىيە سىرتىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىلىدىغان راسخوت مىقدارىنىڭ %10نىڭ قىسقارتىلىشىنى مەزمۇن قىلغان بەلگىلىمە بىلەن ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىلدا 500 ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشتىن چىقىرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرى تۈنۈگۈن باشلىغان ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى فىرانسۇز تەلىم-تەربىيە ئاگېنتلىقىدا ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقلىرىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر