ئاقدېڭىزدا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان ئىككى كېمە غەرق بولۇپ كەتتى
ئاقدېڭىزدا ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر ئولتۇرغان ئىككى كېمە غەرق بولۇپ كېتىپ، 31 ئادەم قازا قىلدى.
855123
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ياۋروپاغا كەتمەكچى بولغانلار قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان ئىككى كېمە، لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە غەرق بولۇپ كەتتى؛ لىۋىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتى، قازاغا ئۇچرىغان كېمىدىن 200 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.
لىۋىيەدە يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە 526 قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى.
دۆلەتلىرىدىكى توقۇنۇشلار ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدىن ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپاغا كەتمەكچى بولغان كۆپلىگەن ئافرىقىلىق كۆچمەن، ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان لىۋىيە لىنىيەسىنى تاللىماقتا.