رۇھانى: سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى چەت كۈچلەرگە تاشلاپ قويۇلمايدۇ

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنىڭ چەت كۈچلەرگە تاشلاپ قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە ئىراننىڭ، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش پىكرىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

852530
رۇھانى: سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى چەت كۈچلەرگە تاشلاپ قويۇلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى تېھراندا بايانات بەرگەن رۇھانى، «سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى چەت كۈچلەرگە تاشلاپ قويۇلمايدۇ ۋە بۇنىڭغا بۇ دۆلەتنىڭ (سۈرىيەنىڭ) خەلقى قارار قىلىدۇ» دېگەن.

رۇھانى، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدىكى ئاستانا مۇساپىسى سايىسىدا بۇ يولدا بىر – بىرىگە تېخىمۇ ماس قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشقا باشلىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

سوچىدا بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن رۇھانى، «بۇ يىغىنلار دۆلەت خەلقىنىڭ قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سۈرىيەلىك گۇرۇپپىلارنىڭ، كېلەچەكلىرىنى بەلگىلەش يولىدىكى سۆھبەتلىرىنىڭ يولىنى ئېچىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر