ئامېرىكىدا ھايتىلىقلارغا بېرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىياز كېلەر يىلى تۈگەيدۇ

ئامېرىكا دۆلىتىدىكى 600مىڭدىن ئارتۇق ھايتىلىققا بېرىلگەن ئالاھىدە قوغداش سالاھىيىتىنىڭ كېلەر يىلى تۈگەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

851624
ئامېرىكىدا ھايتىلىقلارغا بېرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىياز كېلەر يىلى تۈگەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تەخمىنەن 600 مىڭ ھايتىلىق كۆچمەنگە بېرىلگەن ۋاقتىلىق قوغداش سالاھىيىتىنىڭ 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا تۈگەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىچكى بىخەتەرلىك مىنسىتىرلىقى مۇئاۋىن مىنسىتىرى ئېلايىن دۇك 2010-يىلدىن باشلاپ ھايتىنى تاشلاپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ %97 ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھايتىلىق كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى  توسۇشنى مەقسەت قىلىپ بېرىلگەن ئالاھىدە سالاھىيەتنىڭ 18 ئايدىن كېيىن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

18 ئاي ئىچىدە ھايتىلىقلار يا دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشى ياكى ئامېرىكىدىكى خىزمەت ۋە تۇرۇش رۇخسىتىنى رەسمىيەتكە مۇۋاپىق ھالەتكە ئېلىپ كېلىشى لازىم.

ھايتىدا 2010-يلى پايتەخت پورت-ئاۋ-پىرىنستە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن، بۇ دۆلەتتىن ئايرىلغان كۆچمەنلەرگە ئوباما ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن 18 ئايلىق ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتىنىڭ مۇددىتى نۇرغۇن قېتىم ئۇزارتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر