خىتاي كورېيە مەسلىسىنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش چاقىرىقىنى يەنە تەكرارلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇكاڭ دونالد ترامپنىڭ شىمالىي كورېيەنى «تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىگە دائىر  سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

851951
خىتاي كورېيە مەسلىسىنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش چاقىرىقىنى يەنە تەكرارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي كورېيە مەسلىسىنى مۇزاكىرە ۋە دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇكاڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شىمالىي كورېيەنى «تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاپ بېرىپ: «تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. بارلىق تەرەپلەرنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ئولتۇرالىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىشىمىز لازىم»  دېدى

لۇكاڭ كورېيە يېرىم ئارالىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بارلىق تەرەپلەر ھازىرقى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش ۋە مەسلىنى دىيالوگ يولى بىلەن تىنچلىقنى چىقىش قىلىدىغان يولدىن ھەل قىلىشقا ھەسسە قۇشۇشى لازىم» دېدى.

دونالد ترامپ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنى تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، «بۇ ئەسلىدە بۇرۇنلا ۋە قانچىلىغان يىللار ئىلگىرىلا قىلىشقا تېگىشىك ئىش ئىدى. بۇ قەدەم شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىگە ۋە بۇ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە يېڭى ئېمبارگو ۋە جازالارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە پات - پات ئۇلار ھەققىدە بىز ئوقۇغان ۋە بەزىدە بىز يازغان بۇ قانخور تۈزۈمگە قارشى باشلانغان ئەقەللىي بېسىم قىلىش سەپەرۋەرلىكىمىزگە ھەسسە قوشىدۇ» دېگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر