خىتاي گېرمانىيەدە تىبەت بايرىقىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇكاڭ خىتاينىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونى ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قانچە يۈزلىگەن يىللار ئىلگىرىگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئىېيتتى.

851126
خىتاي گېرمانىيەدە تىبەت بايرىقىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيەنىڭ مانز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدا تىبەت بايرىقىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇكاڭ، پايتەخت بېيجىڭدا جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ 20 ياشتىن تۆۋەن پۇتبول كوماندىسى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسى ئۇتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە ئەسناسدا، تىبەت بايرىقىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئۆزئارا ھۆرمەت ساھىبخان دۆلەتنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسىدۇر. ئۆزئارا ھۆرمەت ھەرقانداق ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىدۇر» دېدى.

لۇكاڭ خىتاينىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ، ھەرقانداق شەكىلدە خىتايغا قارشى بۆلگۈنچى پائالىيەتلەرنى قوللىشىغا قاتتىق قارشى تۇرىمىز» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتتى.

گېرمانىيەنىڭ مانز شەھىرىدە 2 كۈن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ 20 ياشتىن تۆۋەن پۇتبول كوماندىسى بىلەن رەقىبى گېرمانىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە جەريانىدا، 6 نامايىشچى تىبەت بايرىقى ئاچقان ۋە خىتاي كوماندىسى تىبەت بايرىقى چۈشۈرۈلمىگەنگە قەدەر مەيدانغا چىققىلى ئۇنىمغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن مۇسابىقە 30 مىنۇت كېچىكىپ باشلانغان ئىدى.

گېرمانىيە پۇتبول جەمئىيىتى مۇئاۋىن باشلىقى رۇننىي زېىممېرمان يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ تەبىئىي ھەق – ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى مەنئىي قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

خىتاي تىبەت ئاپتونوم رايونى ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قانچە يۈزلىگەن يىللار ئىلگىرىگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايونغا قارىتا چەت دۆلەتلەر،  تەشكىلاتلار  ۋە سەخسلەر تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىگە «ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىۋالغانلىق» دەپ باھا بېرىپ كەلمەكتە



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر