ھىندونېزىيە پارلامېنت باشلىقىنىڭ 42 مىليون دوللارغا خىيانەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ھىندونېزىيەدە پارلامېنت باشلىقىنى نازارەتكە ئېلىش ھەرىكىتى بىر كۈن ئىلگىرى باشلانغان ۋە ئۆيىدىن تېپىلماي، ئەتىسى دوختۇرخانىدىن تېپىلغان ئىدى.

851070
ھىندونېزىيە پارلامېنت باشلىقىنىڭ 42 مىليون دوللارغا خىيانەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە پارلامېنت باشلىقى سېتيا نوۋانتو چېرىكلىك بىلەن ئەيبىلىنىپ نازارەتكە ئېلىندى.

جاكارتا يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كىملىك كارتى ئۈچۈن ئاچرىتىلغان قوندتىن 170 مىليون دوللارغا خىيانەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پارلامېنت باشلىقى نوۋانتونى سوراققا تارتىش ئۈچۈن نازارەتكە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى

نوۋانتو پەيشەنبە كۈنى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان بولۇپ، داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىنلا تۇتۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

نازارەتكە ئېلىش ھەرىكىتى بىر كۈن ئىلگىرى باشلانغان ۋە پارلامېنت باشلىقى ئۆيىدىن تېپىلمىغان، بىراق ئەتىسى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ بالنېتسقا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ھادىسىنىڭمۇ تەكشۈرۈشتىن قېچىش ۋە ۋاقىت ئۇزارتىش ئۈچۈن ئوينالغان بىر ئۇيۇن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.  

ئېلېكتىرونلۇق كىملىك كارتى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان فوندتىن 170 مىليون دوللارغا خىيانەت قىلىش جىنايىتىدەـ، «نوۋانتو 42 مىليون دوللار نەپ ئالغان» دەپ ئېيىبلەنمەكتە. ئەگەر بۇ ئەيىبلەش ئىسپاتلانغان تەقدىردە، ئۇنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۈمكىنلىكى بايان قىلىنماقتا.

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى نوۋانتونى ئىيۇل ئېيىدىلا گۇماندار دەپ قارىغان بىراق ئۇ بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا يەنە قايتىدىن گۇماندار دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. نوۋانتو قانۇنى كۈچىنى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈۈش ئارخىپىدىن ئىسمىنىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

نوۋانتو ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، گولكار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودومۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشلىرى دائىرىسىدە نوۋانتونى قانۇنىي رەسىمىيەت جەريانلىرىغا رىئايە قىلىش چاقىرىقىدا بولغان ئىدى.

پىرېزىدېنت ۋىدودونىڭ دەسلەپكى ئىككى يىللىق ھاكىمىيەت مەزگىلىدىلا پارلامېت ئەزالىرى ۋە رايونلۇق قانۇن چىقىرىش مەجلىسىنىڭ 122 ئەزاسى بىلەن 17 ۋالىيسى قاتارلىق نۇرغۇن ساندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى چىرىكلىك بىلەن ئەيىلىنىپ جازاغا تارتىلدى

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر