ئەنگلىيەدە تىك ئۇچار بىلەن بىر ئاممىۋى ئايروپىلان ھاۋادا سوقۇشۇپ كەتتى

ساقچىلار ۋەقەنىڭ سەۋەبىگە ئالاقىدار بىرەر مەلۇمات بېرىشنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھاياتىدىن ئايرىلغان ئايروپىلان خادىملىرى ھەققىدىمۇ ھېچ قانداق مەلۇمات بەرمىدى.

850131
ئەنگلىيەدە تىك ئۇچار بىلەن بىر ئاممىۋى ئايروپىلان ھاۋادا سوقۇشۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ بۇكىڭھامشاير رايونىدا تىك ئۇچار بىلەن بىر ئاممىۋى ئايروپىلان ھاۋادا سوقۇشۇپ چۈشۈپ كېتىشى تۈپەيلىدىن 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 
رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل تامېس يېزىلىق ساقچى ئىدارىسىدىن ئىلان قىلىنغان باياناتتا، ۋەقەنىڭ لوندوننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بۇكىڭھامشاير رايونىغا قاراشلىق ئايلېسبۇرىغ يېزىسىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 12:06 ئۆتكەندە (يەنى تۈركىيە ۋاقتى 15:06 ئۆتكەندە) يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 
تىك ئۇچار بىلەن «Cessna 152» تىپلىق يېنىك ئايروپىلاننىڭ ھەربىي ئايروپىلانلار ئەمەسلىكى، ۋەقەدە تىك ئۇچاردىكى 2 كىشى بىلەن كىچىك ئاممىۋىي ئايروپىلاندا ئولتۇرغان 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى. 
ساقچىلار ۋەقەنىڭ سەۋەبىگە ئالاقىدار بىرەر مەلۇمات بېرىشنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئايروپىلان خادىملىرى ھەققىدىمۇ ھېچ قانداق مەلۇمات بەرمىدى.
ئەنگلىيە ئاۋېئاتسىيە ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىمۇ ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر