خىتاي ب د ت نىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك قارارىغا بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتتى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى رۇسىيە ۋېتو قىلغان بولسا، خىتاي بىتەرەپ تۇرۋالدى.

850188
خىتاي ب د ت نىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك قارارىغا بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى تەكشۈرۈۋاتقان ھەيئەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يەنە ئۇزاراتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

ھەيئەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى ياپونىيە تەييارلىغانىدى، لېكىن رۇسىيە ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىدە مەزكۇر قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى، بولىۋىيە رەت قىلىپ ئاۋاز بەرگەن بولسا، خىتاي بىتەرەپ تۇردى.

ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيەنىڭ بۇ قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلىشى، بۇ دۆلەتنىڭ خىمىيىۋى قوراللار سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھاياتىغا قىلچە ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ب د ت تەكشۈرۈش ھەيئىتى بۇ يىل 27-ئۆكتەبىردە دوكلات ئېلان قىلىپ، 4-ئاپرېلدا خان شەيخۇن رايونىدا 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان سارىن گازى ھۇجۇمىنى ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى  ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ: #ب د ت , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر