دائېشنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

دائېشنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا كېتىۋاتقان سۈرىيە پۇقرالىرى نىشان قىلىنغان بولۇپ نۇرغۇن كىشى يارىدار بولدى.

850119
دائېشنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ دەيرۇززۇر شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 
ھۇجۇمدا پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا كېتىۋاتقان سۈرىيە پۇقرالىرى نىشان قىلىنغان بولۇپ، يەنە قانچە ئونلىغان كىشى يارىدار بولدى. 
يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيەدە يىرىكچىلىكنى ئازايتىش رايونى بولۇپ بەلگىلەنگەن شەرقىي غۇتادا، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قويۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولدى. 
ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئابرىن ناھىيەسىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا، رايوندىكى نوغۇنلىغان بىنالار ۋەيران بولدى.
ئەسەد قىىسملىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان شەرقي غۇتادا مۇشۇ 3 ھەپتە ئىچىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 70 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر