نورۋېگىيەدىكى سەتچىلىكتىن كېيىن، ناتو تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورىدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو، نورۋېگىيەدىكى ھەربىي مانېۋىردا ئوتتۇرىغا چىققان ئېغىر سەتچىلىكتىن كېيىن تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورىدى.

849840
نورۋېگىيەدىكى سەتچىلىكتىن كېيىن، ناتو تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو، نورۋېگىيەدىكى ھەربىي مانېۋىردا ئاتاتۈرك ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى نىشان تاختىسىغا قويغان بىر تېخنىك خادىم بىلەن بىر ئوفېتسىرنى ھەربىيلىكتىن بوشاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نورۋېگىيەدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر قوماندانلىقى مەزكۇر سەتچىلىك توغرىسىدا مەكتۇپ تارقىتىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابىدىن كەچۈرۈم سورىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاتاتۈرك رەسىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسمى چىقىرىلغان بىر تاختا «دۈشمەن نۇقتىسى» قىلىپ كۆرسىتىلگەن مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان 40 تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

8 – نويابىردا باشلانغان، بۈگۈن ئاخىرلىشىشى پىلانلىنىۋاتقان Trident Javelin ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلغان تۈرك ئەسكەرلىرى تۈنۈگۈن قايتۇرۇپ كېلىنگەنىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇنداق بىر ئىتتىپاق، مۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىق بولمايدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر