ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيەىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئورتاق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى رەت قىلدى.

849068
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ تېررور تەرەپدارلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئۈچىنچى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئىراق ياكى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ياكى رۇسىيەنىڭ تەلەپلىرىگە ئاساسەن ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارمايدۇ. ئۈچىنچى شەخسلەر بىزنىڭ كونتروللۇقىمىزدىكى رايونلاردا دائېشچى تېررورىستلارنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق بىزگە مەلۇمات بەرگەن ھامان، بىزمۇ بۇ مەلۇماتلارنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشىمىز مۇمكىن. دەرۋەقە، بۇنداق مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان ھامان ھەربىي دائىرىلەر ئۈچىنچى شەخسلەردىن مۇستەقىل ھالدا ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ.»

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەدىكى رۇسىيە قوماندانلىرىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ «فىرات دەرياسى» نىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دائېشنىڭ ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش مەقسىتىدە ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپكە ئۇدا ئىككى قېتىم تەكلىپ سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مىنىستىرلىق يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئەبۇ كامال رايونىدىن چېكىنگەن دائېش قىسىملىرىغا «جەنۋە ئەھدىنامىسى» غا ئاساسەن ھۇجۇم قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ھەمدە دائېشلىق تېررورىستلارنىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوندا ئەبۇ كامال رايونىدىكى سۈرىيە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بەرمىگەنلىكى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر