سۈرىيە ئامېرىكىنى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا چاقىردى

سۈرىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا چاقىردى.

848052
سۈرىيە ئامېرىكىنى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ  كېتىشكە چاقىردى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پات يېقىندا يوق بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يازما باياناتتا دائېشنىڭ پات يېقىندا يوق بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ئېھتىياج قالمىغانلىقى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا چاقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگوندا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا:«سۈرىيەدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنىپ چىقامدۇ؟»دېگەن سوئالغا «مۇنداقلا چېكىنىپ چىقمايمىز»دەپ جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە،  جەنۋەدىكى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا رايوندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د نى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر