تۈركىيە ئىراققا ياردەم بەردى

تۈركىيە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ئىراققا ياراەم بەردى.

847508
تۈركىيە ئىراققا ياردەم بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ۋە ئىراقتا 7.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەسىس قىلىندى ھەمدە ئىشخانا تەرىپىدىن باغداد ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىراققا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى، تۈرك ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلدى.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى رايوندا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن 4 مىڭ چېدىر ۋە سۇ ئىسسىتقۇچ، 7 مىڭ يوتقان – كۆرپە، ئەدىيال ۋە يېمەك - ئىچمەك ئەۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر