شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا يەنە بىر قېتىم تەھدىت سالدى
شىمالىي كورېيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جا سوڭ-نام، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مانېۋىرلىرىنىڭ يادرو ئۇرۇشى خەۋپىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جا سوڭ-نام ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسغا مەكتۇپ يوللاپ، ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۈچ ئاۋىياماتكا بىلەن ئىشتىراك قىلغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىپ، ئارالدا «ھازىرغىچە كۆرۈلگەن ئەڭ ناچار ۋەزىيەت» نى ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە ب-52 تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن جا سوڭ-نام، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مانېۋىرلىرىنىڭ شىمالىي كورېيە «تاللىغان يولنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئاداققىچە بۇ يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى قەيت قىلدى.
كورېيە يېرىم ئارىلى ئەتراپىدىكى جەنۇبىي كورېيەنىڭ 7 ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ USS Nimitz، USS تېئودور روزۋېلىت، USS رونالدو رېگان ناملىق ئۇچ ئاۋىياماتكىسى ۋە 11 ئۇرۇش پاراخوتى ئىشتىراك قىلغان بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ 14 – نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.