ئىراقتا 7.2 بال يەر تەۋرەپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

ئىراقتا تۈنۈگۈن كېچىدە مەيدانغا كەلگەن 7.2 يەر تەۋرەشتە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى.

846009
ئىراقتا 7.2 بال يەر تەۋرەپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا مەيدانغا كەلگەن 7.2 بال يەر تەۋرەشتە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا سۇلايمانىيە شەھىرىدە 7، ئىراندا 200 ئادەم ئۆلگەن، 600 ئادەم يارىلانغان.

ئامېرىكا گېئولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىدارىسى ئىراقنىڭ ئىران چېگراسىغا جايلاشقان ھالەپچە شەھىرىنىڭ 32 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدا 7.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دوخول ۋە ئەربىلدىن سىرت پايتەخت باغدادتىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلغان يەر تەۋرەش، باغدادتا 20 سېكۇنت، باشقا شەھەرلەردە بولسا تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ھېس قىلىندى.

ئىران-ئىراق چېگراسىدا سائەت 00:33 دا يەنە 4.8 بال يەر تەۋرىدى، خەلق بولسا كوچىدا تۈنەپ چىقتى.

سۇلايمانىيەنىڭ دەربەندىھان ناھىيەلىك ھۆكۈمەت باشلىقى نەسىھ مەلا ھەسەن يەر تەۋرەشتە دەربەندىھان ناھىيەسىدە 4 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

كەلا ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسى كەلادا  2 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق سۇلايمانىيە ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسى باشلىقى مىرھان مۇھەممەد يەر تەۋرەشتە سۇلايمانىيەنىڭ دەربەندىھان ناھىيەسىدە 50 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىران پارلامېنتى پارلامېنت ئەزاسى فەرھاد تەجرى كېچىدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن قاسرى شىرىن، سەرپۇلزىھاب ۋە سەلاس باباجانى ناھىيەلىرىدە 155 ئادەمنىڭ ئۆگەنلىكىنى، 1500 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كەرمەنشاھ ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى مۇجتەبا نىيككېردارمۇ خارابىلىك ئاستىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئەتە تاڭ يورىغاندا تىكئۇچارلار بىلەن يېزىلاردا كۆرۈلگەن زىيانلارنى ئېنىقلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ دىيارباكىر، باتمان، ماردىن، شىرناك، ھاككارى، ۋان ۋە مۇش قاتارلىق شەھەرلىرىدە بولسا يەر تەۋرەشنى ھېس قىلغان خەلق ئۆيلىرىنى تاشلاپ سىرتقا قېچىشتى.

دىيارباكىردىن 30 كىشىلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلدى.

تۈرك قىزىلئاي ساخاۋەت جەمئىيىتى شەرقىي ئانادولۇ رايونى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملارمۇ ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئادانادىنمۇ ئاپەت رايونىغا 10 يۈك ماشىنىسى بىلەن ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلدى.

ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قونالغۇ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئاقدېڭىز رايونلۇق ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەركىزى 560 چېدىر، 2000 كارۋات، 1000 ئەدىيال ۋە 1100 ئىسسىتقۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنى يۈك ماشىنىلىرى بىلەن ئاپەت رايونىغا ئەۋەتتى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ھابۇر چېگرا ئېغىزىغا كېلىدىغان كېسەل ۋە يارىلانغانلارنى يۆتكەش ئۈچۈن سىكورسى تىپلىق تىكئۇچار ئاجرىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر