ھاۋىجەدە 400 گە يېقىن ئادەم كۆمۈۋېتىلگەن كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

ئىراق ئارمىيەسى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان ھاۋىجەگە يېقىن جايدىن 400 ئەتراپىدا ئادەم كۆمۈۋېتىلگەن بىر كوللېكتىپ مازار بايقىدى.

846197
ھاۋىجەدە 400 گە يېقىن ئادەم كۆمۈۋېتىلگەن كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال مورتەزا ئەللۇۋەيبى شەھەردىكى نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئەھۋال مەلۇم قىلىشىدىن كېيىن، مەزكۇر كوللېكتىپ مازارنىڭ تېپىپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەركۈك ۋالىيسى راكان سەئىد، كوللېكتىپ مازارنىڭ ھاۋىجەنىڭ بىر ئاز سىرتىدىكى دائېشنىڭ ئۆلۈم ئىجرا قىلىش ئورنىغا ئايلاندۇرۇلغان بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دائېش، ھاۋىجەنىڭ جەنۇبىدىكى رەشاد ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى مەشىق لاگېرى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنىدى.

كوللېكتىپ مازاردىن چىقىرىلغان جەسەتلەرنىڭ بەزىلىرى پۇقراچە كىيىم – كېچەكلەر، بەزىلىرىنىڭ دائېشنىڭ ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلەرگە كىيدۈرىدىغان كىيىملەر بىلەن كۆمۈۋېتىلگەن ھالەتتە تېپىلدى.

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ 240 كىلومېتىرچە شىمالىغا جايلاشقان ھاۋىجە شەھىرى، 2013 – يىلىدىن بۇيان دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئىدى. تەشكىلاتنىڭ قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى جايلارنىڭ قايتۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە بۇ شەھەر ئۆتكەن ئاي قايتۇرۇۋېلىنغانىدى.

دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغان رايونلاردا ھازىرغىچە ئونلارچە كوللېكتىپ مازار تېپىلدى. بۇ مازارلارنىڭ بەزىلىرىدىن 5 مىڭدىن ئارتۇق، بەزىلىرىدىن بولسا، 15 مىڭغا يېقىن جەسەت تېپىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر