«دائېشقا قارشى كۈرەشتە 100 مىليارد دوللار زىيان تارتتۇق»

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە 100 مىليارد دوللار زىيان تارتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

845424
«دائېشقا قارشى كۈرەشتە 100 مىليارد دوللار زىيان تارتتۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبادى كەربالا شەھىرىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىراقلىقلار دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى» دېدى.

باغداد بىلەن ئەربىل ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس توغرىلىقمۇ توختالغان ئىبادى: «كوردلار بىلەن ئەرەبلەرنى ياراشتۇرۇش مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلغۇچىلارغا ئېھتىياجىمىز يوق. دەرۋەقە، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋەتەنپەرۋەر كېلىدۇ، شۇڭا ئىراق ئارمىيەسىگە قارشى چىقمىغان پەشمەرگەلەرنىڭ خائىنلىق بىلەن ئەيىبلىنىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش» دېدى.

ھەشدى شەبى قوراللىق كۈچ بولغانلىقى ئۈچۈن سايلاملارغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىبادى، سايلاملارنىڭ  بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىلىقمۇ توختالغان ئىبادى، بۇ زىيارىتىنىڭ ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا بىلەن بەزى رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتمەسلىكنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر