سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران بىلەن توقۇنۇشنى خالىمايدۇ

سەئۇدى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئادىل ئەلجۇبەير ئىران ھاكىمىيىتى بىلەن بىۋاستە توقۇنۇشۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى، ئەمما ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

845046
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران بىلەن توقۇنۇشنى خالىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەلجۇبەير خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق يېڭى ۋەزىيەتلەر توغرىسىدا ئامېرىكانىڭ س ن ب س (CNBC) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ شەنبە (4-نويابىر) كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادقا يەمەندىن ئېتىلغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «باشقۇرۇلىدىغان بومبا 22-ئىيۇل كۈنى يەنبۇ ۋىلايىتىگە ئېتىلغان ئىراندا ياسالغان بومبىغا ئوخشايدۇ» دېدى.

ئۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مەخپىي يەمەنگە ئاپىرىلىپ، ھىزبۇللاھ ۋە ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى قىسمىنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن قوراشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «بۇ ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى تەشكىللىدى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەترىتىنى تەربىيەلىدى» دېدى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىران بىلەن بىۋاستە توقۇنۇشۇشنى خالىدىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ب د ت قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتنى مەزكۇر مەسىلىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەلجۇبەير لىۋان باش مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھىزبۇللاھ لىۋان ھاكىمىيىتىنى كونترول قىلىۋالدى. سائاد ھارىرى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان بارلىق ئىسلاھاتلارغا ھىزبۇللاھ توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بىز ھىزبۇللاھنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارايمىز، پۈتكۈل دۇنيا بۇنى ياخشى تونۇشى ۋە بۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەكلىشى لازىم، قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قارشى تۇرۇشى لازىم» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«لىۋاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشىغا ھەرگىزمۇ رۇخسەت قىلالمايمز، لىۋان خەلقى بۇنىڭغا جاۋابكار ئەمەس، ھىزبۇللاھ خەلق ئۈستىگە ھاكىمىيەت قۇرۇۋالدى، بىز بۇنىڭغا چارە تېپىشىمىز كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر